- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېڭ جيەنجۇ ئادۋوكات قوشۇنىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى پائال رولىنى كۈچەپ قوللاش كېرەك، دېدى
2015.08.21 17:06 مەنبە: خەلق تورى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
خەلق تورى، بېيجىڭ، 20-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 20-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: ئادۋوكات تۈزۈمى بىر دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مەدەنىي راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادۋوكات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر