باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باتىر ئوچىر:جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئەبەدىي دوست ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2015.08.24 13:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوغا كېلىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 94 ياشلىق موڭغۇلىيىلىك پېشقەدەم ئەسكەر باتىر ئوچىر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە ئەينى يىللىرى قاتتىق ئۇرۇش بولغان خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ جاڭبېي ناھىيەسىگە بېرىپ، بۇيەردىكى سوۋېت موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

  1945-يىلى سوۋېت موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى جۇڭگوغا كېلىپ ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، 24 ياشلىق باتىر ئوچىر خەۋەرلىشىش كاپالىتى ئوفىتسېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 20 دىن كۆپرەك خەۋەرلىشىش ئەسكىرىنى باشلاپ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكوۋ قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.

  باتىر ئوچىر مۇنداق دېدى: كۆپلىگەن سەپداشلىرىم جۇڭگودىكى ئۇرۇش مەيدانىدا مەڭگۈلۈك قالدى. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار مۇنارىنى ناھايىتى ياخشى قوغدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئەبەدىي دوست ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر