خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 25-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش پائالىيىتىنىڭ 6-مەيدان مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيمىن قاتناشتى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھېلىمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان كونا ئەسكەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپونغا قارشى ئۇرۇش گېنىراللىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خاتېرە مېدالى تارقىتىدۇ. 3-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش تەنتەنىلىك چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە خاتېرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، تەييارلىق ئاساسەن پۈتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى