باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «قارار»نى تارقاتتى

ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2015.08.27 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قانداق ئاز سانلىق مىللەت سەپتىن چۈشۈپ قالمايدۇ. (مۇخبىرىمىز جاڭ شو)

  مەملىكەتلىك ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 2014- يىلى 25 مىليوندىن ئاشتى، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچى 1 مىليون 289 مىڭ كىشىگە يەتتى، مەملىكىتىمىزدىكى 705 مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلاردا «ئىككى ئاساسەن» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئاز سانلىق مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا پۇقرالار چىن كۆڭلىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:«مەكتەپ ئەڭ بىخەتەر جاي، مەكتەپ ياتاق بىناسى ئەڭ چىرايلىق ئىمارەت، مەكتەپ قۇرۇسىنىڭ مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل».... بۇ يېقىنقى يىللار، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنسى. ۋەھالەنكى تارىخ، تەبىئىي شارائىت تۈپەيلىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ تەرەققىياتىدا ھېلىھەم بەزى قىيىنچىلىقلار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئارىسىدا يەنىلا بىر قەدەر زور پەرق مەۋجۇت.

  ھازىر گوۋۇيۈەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى»نى تارقىتىپ، 2020- يىلىغچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش ياكى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ھەر قانداق ئاز سانلىق مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بەرگەن كاتتا ۋەدىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «قارار»غا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر