- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭنىڭ ۋىلايەت -ناھىيىلىرىنىڭ يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىدۇ
2015.08.27 16:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت-ناھىيىلىرىنىڭ يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىدۇ.
ھازىر ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق توققۇز ۋىلايەتتە(ئوبلاست، شەھەر) يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭىباشتىن تەشكىللەندى ھەمدە ۋىۋىسكا ئېسىلدى. بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى ، خوتەن قاتارلىق 13 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى«يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى»دېگەن ۋىۋىسكىنى قوشۇپ ئاسىقان بۇلۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر