باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

30 خىل مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2015.08.28 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 27 –ئاۋغۇست، دۆلەتنىڭ كۆچمە تېلىفون قاتارلىق 30 خىل مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، سىمسىز روتېر، يېڭى تىپتىكى تام ماتېرىيالى، تور سىگنال قۇتىسى ئۈچ خىل مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىزلىك نىسبىتى يۇقۇرى بولغان. دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى لو فاڭپىڭ مۇنداق دېدى، بۇ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن 30 خىل مەھسۇلاتنىڭ كۆپ قىسمى ئىستېمال بۇيۇملىرى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىلغان مەھسۇلات، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقى زورايتىلدى. سىمسىز روتېر، تور سىگنال قۇتىسى، قىممەت مېتالدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇمى، تامغا ئورنىتىلىدىغان ۋىكىلياچاتىل، رەقەم كابىلى قاتارلىق بەش خىل مەھسۇلات تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئوبېيكتى قىلىنغاندىن سىرت، قالغان 25 خىل مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى قېتىم دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتسىز بولغاچقا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلات.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر