باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دەۋر نەمۇنچىلىرى» جىن چۈنشى ۋە جىن فۇلەينىڭ ئىلغار ئىش-ئېزلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى

2015.08.28 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 27-ئاۋغۇست مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسسىدا «دەۋر نەمۇنچىلىرى» جىن چۈنشى ۋە جىن فۇلەينىڭ ئىلغار ئىش-ئېزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  جىن چۈنشى- جىلىن ئۆلكىسى يەنبىيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋاڭچىڭ ناھىيەلىك كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت شۇ يەرنىڭ مول قىزىل بايلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قازدى ۋە قوغدىدى. پۈتۈن ناھىيەدىكى ئىنقىلاۋى قۇربانلار ۋاپات بولغان جاي ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خارابىسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ماتېرىياللىرىنى رەتلىدى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ھىكايىلىرىنى دوكلات قىلىشقا تەشكىللەپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئولۇغۋار روھىغا كۈچلۈك ۋارسلىق قىلدى ۋە نۇرلاندۇردى.

  جىن فۇلەي بېيجىڭ شەھىرى فىڭتەي رايونى لوگۇچىياۋ بازىرىدىن بولۇپ، ئىلگىرى يېڭى جۇڭگو لوگۇچىياۋ بازىرىنىڭ 1-نۆۋەتلىك باشلىقى بولغان، ئۇ يىل بۇيى لو گۇچىياۋدىكى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى خالىس سۆزلىدى، دائىم پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپ، مەھەللە، ھەربىي لاگېرغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ، كىشلەرگە ئىسسق قان ۋە ھاياتى ئارقىلىق، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن ئۇلۇغ تارىخنى مەھكەم ئەستە ساقلاشقا دەتۋەت قىلدى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، جىن چۈنشى بىلەن جىن فۇلەينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى تاراتقۇلاردا كەڭ دائىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كادىرلار، ئامما بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: جىن چۈنشى ۋە جىن فۇلەيدىن ئۈگىنىپ، ئىسسق قان ۋە ھاياتى ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك ئولۇغ تارىخنى مەھكەم ئەستە ساقلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىغا ۋارسلىق قىلىپ ۋە نۇرىلاندۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە، جاپا مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر