باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ: ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە خىزمەت قىلىشتا توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.08.26 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە مەملىكەتلىك كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى تەقدىرلەش يىغىنى 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، مەركىزى كومىتېتىغا ۋەكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، مەملىكەتتىكى كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىشقەدەم يولداشلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومىتېتىنىڭ كادىرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دەرەخ ئون يىلدا يىتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا. ۋەتەننىڭ كەلگۈسى كېيىنكى ئەۋلادلارغا باغلىق. كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومىتېتى قۇرۇلغان 25 يىلدىن بۇيان، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. يولداشلارنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە خىزمەت قىلىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تىكلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش. پىشقەدەم كادىر، پىشقەدەم جەڭچى، پىشقەدەم مۇتەخەسسىس، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى، پىشقەدەم نەمۇنىچى قاتارلىق پىنسىيەگە چىققان پىشقەدەم يولداشلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىباھا بايلىقى. بىز «بەش پىشقەدەم»لەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بەش پىشقەدەم»لەرگە ھۆرمەت قىلىپ، «بەش پىشقەدەم»لەرنى قەدىرلەپ، «بەش پىشقەدەم»لەردىن ئۆگىنىپ، «بەش پىشقەدەم»لەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر