باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ

2015.09.10 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانىنى ئىسلاھ قىلىپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى. 2015-يىلىدىن باشلاپ بۇ پىلان بويىچە ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەشكە مەدەت بېرىلىدۇ. ھەمدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانىدىكى ئوتتۇرا غەربىي رايونلار تۈرى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش تۈرى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئورۇن ئالمىشىش، مائارىپنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق،ئوتتۇرا غەربىي رايونلار يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر ئوقۇتقۇچىلىرى كەسىپلەشتۈرۈلۈپ تەربىيەلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ياخشىلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيەلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەربىيەسى، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش قاتارلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر