خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 50 يىللىق بوران-چاپقۇن، 50 يىللىق شانلىق مۇساپە. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما بولۇپ 20 مىڭغا يېقىن كىشى 8-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن لاسا شەھىرىدىكى بۇدالا ئىبادەتخانىسى مەيدانىغا يىغىلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
قەدىمىي شەھەر لاسانىڭ ھەممە جايى رەڭگا-رەڭ بايراق ۋە گۈللەر بىلەن تولغان بولۇپ، خۇشاللىق سادالىرى ياڭرىماقتا ئىدى. ھەيۋەتلىك بۇدالا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا شىزاڭ ئۇسلۇبىدىكى يىغىن رەئىس سەھنىسى ياسالغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ۋە «شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى»دەپ يېزىلغان خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئارقا كۆرۈنۈش تېمىغا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبىرىكلەش يىغىن بەلگىسى ۋە «1965»، «2015» دېگەن خەت-سانلار ئېسىلغان ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇدالا ئىبادەتخانىسى مەيدانىدا رەڭلىك بايراقلار لەپىلدەپ، دۇمباق ئاۋازى كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئىدى، بايراملىق كېيىملىرىنى كېيگەن ھەر مىللەت ئامما بۇرۇنلا تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ بۇ يەرگەن جەم بولغان ئىدى، ئۇلار قوللىرىدا دۆلەت بايرىقى، رەڭلىك بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شاد-خوراملىققا چۆمگەن ئىدى.
چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى لوساڭ جياڭسۈن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ئوقىدى، بەش يۇلتۇرزلۇق قىزىل بايراق بۇدالا ئىبادەتخانىسى مەيدانىدا ئاستا-ئاستا چىقىرىلدى. مىللىيچە كىيىنگەن پىئونېرلار رەئىس سەھنىسىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىگىدىكىلەرگە گۈل تۇتۇپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ئىپادىلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبىرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقىدى.
يۇ جېڭشېڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىزاڭ قۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن تەبىرىك تاختىسىنى سوۋغا قىلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەيما چىلىن تەبرىك تاختىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
يۇ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قايناق ھېسسىياتلىق سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، ھەر ساھە زاتلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى كوماندىر - جەڭچىلىرى، جۇڭگو خەلق قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمى ھال سورىدى؛ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان يولداشلار، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شىزاڭنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، شىزاڭنى قىزغىن سۆيگەن، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەتئەللىك مۇھاجىرلار ۋە خەلقئاردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.
يۇ جېڭشېڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېقىندا مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقانلىقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە غەمخۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، بۇ، پارتىيەنىڭ شىزاڭ خىزمىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلاندى. مەركەز شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسىشىگە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل بولغان يېڭى شىزاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ بەختلىك يېڭى تۇرمۇش يارىتىشنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى