خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى، شىزاڭ ھەربىي رايونىغا:
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقان-چارۋىچىلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، شىزاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي قانۇن ساقچىلىرى، شىزاڭنى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن، شىزاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ياردەملەشكەن كىشىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز!
1965-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش بولغان. 50 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور مەدىتى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى، شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار ئاتا قىلغان سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھىرلەندى؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىقتىساد سىجىل، تېز تەرەققىي قىلدى، ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا يۈكسىلىش بولدى، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ مائارىپ، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ياخشى ھالەت ساقلاندى؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىيەت ئىزچىل مۇقىم بولدى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىل قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق گىرەلەشكەن سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، شىزاڭنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسى چەكسىز پارلاق.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى