باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى سۆكتى:
بۇ ئىش تىنچلىق، ھەققانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش، ب د ت قانداقمۇ بىتەرەپ بولالىسۇن؟

2015.09.08 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ ب د ت باش كاتىپى بانكىموننىڭ «3-سېنتەبىر» خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: فاشسىىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مەسىلىسىدە، ب د ت قانداقمۇ بىتەرەپ بولالىسۇن؟ بۇ ئىش تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش، ب د ت قانداقمۇ بىتەرەپ بولالىسۇن؟ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قەستەن چاتاق تېرىماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  سۇئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ب د ت باش كاتىپى بانكىمون «3-سېنتەبىر» خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا، ياپونىيە كابېنت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۇشىخىدې سۇگا ب د ت نىڭ بىتەرەپ بولىشىنى، ئۆتمۈشتىكى ئالاھىدە ۋەقەلەرگە ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك، دېگەن. ياپونىيە ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيەسى دىپلوماتىيە ئىقتىساد بىرلەشمە بۆلۈمى يىغىن ئېچىپ، بانكىموننىڭ «3-سېنتەبىر» خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشلىقى توغرىسىدا ب د ت غا ئېتىرازنامە ئەۋەتىشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: 3-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزىمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ تۇتۇش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش ئىرادىسى نامايەن قىلىندى. بۇمۇ « ب د ت نىزامنامىسى» نىڭ مۇھىم روھىدۇر.بانكىمون ب د ت باش كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «3-سېنتەبىر» خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھەقلىق. ئۇ ۋە 65 دۆلەتنىڭ رەھبىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى ۋە سابىق سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.ب د ت 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ئىچىدە قۇرۇلغان، دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزىم ۋە مىللىتارىزىمغا قارشى تۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇھم مېخانىزىمى.

  فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مەسىلىسىدە، ب د ت قانداقمۇ بىتەرەپ بولىۋالالىسۇن؟ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قەستەن چاتاق تېرىماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. ۋاقتى ۋە زېھنى بولسا، «ب د ت نىزامنامىسى»نى ئوبدان ئوقۇپ چىقىپ، تاجاۋۇزچىلىق تارىخى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ، قۇشنىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەنتىڭ ئىشەنچىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر