خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) ئۈچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ يېزىسىدىن كەلگەن دېھقان ئەخەت ئەمەت شىنجاڭ «دىننار» بىئو پەن – تېخنىكا چەكلىك شېركىتى شېركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئىستىمالچىلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە يولغا قويغان مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيىتىدە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا چىقىپ، 38 مىڭ يۈەنلىك ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىگىلىشىمچە «دىننار» شېركىتى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەھسۇلات سۈپىتى، سېتىش سوممىسى يۇقىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشلامچى مىللىي كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
سۈرەتتە: ئەخەت ئەمەت (ئوڭدا) شېركەت مەسئۇلىدىن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
مەنبە: خەلق تورى