باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4كۈندە مىكرو ھۆسۈن تۈزەش دوختۇرى بولغىلى بولامدۇ؟

ياتاق ئۆيدىكى مىكرو ھۆسۈن تۈزەش ئىشخانىسى كېنىشكىسىز ھالدا بوتوكس ئۇكۇلىنى ئۇرۇشقا پېتىنغان

2015.09.10 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) «جىڭخەن تىببىي گۈزەللەشتۈرۈش» مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىرى ئۆيىدە مەشىق قىلغاندا، ئاغرىققا چىداش ئۈچۈش ئېغىزىدا پلاستىك خالتا چىشلەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۇكۇل ئۇرماقتا.

  ھىچقانداق ئاساسى بولمىغان كەسىپ ئەھلى بولمىغان كۇرسانتلار ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ھەتتا ئۇكۇل ئۇرۇشنى قەتئىي بىلمەي تۇرۇپلا مىكرو ھۆسۈن تۈزەش ئىشخانىسى ئېچىۋالغان.

  «جىڭخەن تىببىي گۈزەلللەشتۈرۈش» مىكرو ھۆسۈن تۈزەش تەربىيەلەش ئورگىنىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قىسمەن كۇرسانتلار بىر ئاماللارنى قىلىپ كەسپىنى باشلىۋالغان، ئۆز ئۆيىنىڭ ھۇجرا ئۆيىدە، بالىخانىسىدا، ياكى ئاۋات شەھەر رايونىدىكى ياتىقىدا ئىشخانا قۇرۇپ، خېرىدارلارغا بوتوكس، ئەينەك ئۇرونىك كىسلاتا، ئاقسىل ئۇكۇلى قاتارلىقلارنى ئۇرۇشقا باشلىغان.

  «نادانلار قورقۇمسىز كېلەر»، نۇرغۇن كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق ھۆسۈن تۈزىگۈچىلەر ھەققىدە سۆزلىگەندە، ئون يىلغا يېقىن ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىش ئارقىلىق تىببىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن «كەسپىي ھۆسۈن تۈزىگۈچىلەر» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇنداق داۋالاش-ھۆسۈن تۈزەش خادىملىرىنىڭ بىر قەرەللىك بومبا ئىكەنلىكىنى ئەندىشە ۋە غەزەپ بىلەن تەكىتلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر