2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
2015.08.31 09:57 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاخىرقى تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) 2-تۈركۈمىگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 28-ئاۋغۇست باشلىنىدىغان بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 423 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرس 2-تۈركۈم كەسپلىرىگە شىنجاڭدىن 14 مىڭ 885 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر