باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <گوۋۇيۈەننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكرى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى

2015.08.31 09:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 26 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش ھەققى ئېلىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <گوۋۇيۈەننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكرى> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ تاۋار كودىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار ئىمارەتلىرىنى پار بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسىلەرنى دوكلات قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىلىقىنىڭ ئاساسى. گوۋۇيۈەننىڭ «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكرى»نىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار بەلگىلەندى: «رايونلار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئازراق قالدۇق بولۇش»تەك ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش ۋە ئوبوروت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي قوغداش، يەرلىك ئاشلىق زاپىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئاشلىق ئوبوروتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئاشلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ئاشلىق بازارلىرىنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكى بويىچە تۈزەشنى كۈچەيتىش، ئاشلىق تېجەپ، زىياننى ئازايتىش ۋە ساغلام ئىستېمالنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، كاپالەت تەدبىرلىرى ۋە نازارەت قىلىش - باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئون جەھەتتىن ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ تاۋار كودىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ، تاۋار كودىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش؛ تاۋار كودىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تاۋار كودىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تاۋار ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىشىنى تېزلىتىش − ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تاۋار ئوبوروتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: تاۋار كودىنى ئىشلىتىپ، ئىلتىماس قىلىش ۋە تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاۋار كودىنى ئىشلىتىشى كېرەك؛ كودلاشتۇرغۇچى ئاپپاراتلار تاۋار كودىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىشى كېرەك؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنى ئىشەنچسىز دەپ قاراش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار ئىمارەتلىرىنى پار بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى»نى تۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ئىمارەتلىرىنى پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش، ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىسسىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. «چارە»دە پۇقرالارنىڭ ئىمارەتلىرىدە ئېنېرگىيە تېجەشتە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمنى يولغا قويۇش، يېڭىدىن سېلىنغان بىنالار ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە يېتىشى ۋە ئائىلىلەرگە بۆلۈپ ھېسابلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پار ئىشلىتىش مىقدارىغا قاراپ پار بىلەن تەمىنلەش ھەققى ئېلىش قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر