خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 30-ئاۋغۇست ياپونىيە توكيودىكى پارلامېنت بېناسى ئالدىدا، كىشىلەر «بالىلىرىمىزنى جەڭ مەيدانىغا چىقارمايمىز» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، قوغدىنىش قانۇنى لايىھەسىگە كوللېكتىپ نارازىلىق بىلدۈردى. 120 مىڭ ياپونىيە ئاھالىسى «ئابېي تەختتى چۈشسۇن»، «قوغدىنىش قانۇن لايىھەسى بىكار قىلىنسۇن» قاتارلىق شوئارلارنى پارلامېنت بېناسى ئاسمىنىدا ياڭراتتى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئادەم ئەڭ كۆپ بولغان قوغدىنىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى بىر قېتىملىق نارازىلىق يىغىلىشى بولۇپ قالدى.
مەنبە: خەلق تورى