باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلمىلەر 1- سېنتەبىر باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، يان تېلېفون كارتىسىنى تورغا كىرگۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە ھەقىقىي نام قوللىنىلىدۇ

2015.09.01 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يان تېلېفون كارتىسى ھەقىقى نام تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېلان قانۇنىدا چولپانلارنىڭ ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچى بولۇش جاۋابكارلىقى، مۇھىت قوغداش تارماقلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان قىلمىغانلىقىنى ئاۋام نازارەت قىلىدۇ...... 1- سېنتەبىردىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ ھەم ھەممىمىزنىڭ تۇ رمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق»يان تېلېفون كارتىسى ھەقىقىي نام تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

  1- سېنتەبىردىن باشلاپ تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ھەر قايسى ئەمەلىي تىجارەت تارماقلىرىدا ئابونچىلارنىڭ يان تېلېفون كارتىسىنى تورغا كىرگۈزۈش رەسىمىيىتى بېجىرگەندە، 2- ئەۋلاد كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش ئاپپاراتى بىلەن ئابونتچىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشى ھەم سىستېما ئارقىلىق ئابونچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈشى كېرەك، 2- ئەۋلاد كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش ئاپپاراتى سەپلەنمىگەن پۇقراۋى تىجارەت نۇقتىسىغا تېلېفون ئابونچىسىنى تورغا كىرگۈزۈش رەسىمىيىتىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.

  يېڭى ئېلان قانۇنىدا بالىلارنى ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى قىلىش»قا بولمايدۇ

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېلان قانۇنى 1- سېنتەبىر باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئېلان قانۇنىدا ئېلاندىكى ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچى بولغۇچىنىڭ مەمۇرىي قانۇن مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى قېلىپلاشتۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. يېڭى ئېلان قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەندى: 10 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلاندىكى ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئون تۆت ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالاقىدار تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانىدا ئاتا- ئانىلارنى ئېلان قىلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان مەزمۇن بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  پۇقرالار مۇھىت قوغداش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا تەپتىش ئورگانلىرىغا پاش قىلسا بولىدۇ

  «پۇقرالارنىڭ مۇھىت قوغداشقا قاتنىشىش چارىسى» 1- سېنتەبىر يولغا قويۇلىدۇ. چارىدە مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇھىت قوغداشقا مەسئۇل تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  بىرژا سىرتىدىكى ئاكسىيە كەسپىدە قارا تىزىملىك تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

  1- سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «بىرژا سىرتىدىكى ئاكسىيە كەسپىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش چارىسى»دە بىرژا سىرتىدىكى ئاكسىيە كەسپى ئارخىپى تۇرغۇزۇلىدۇ ھەم قارا تىزىملىك تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.

  P2P دېبېت-كرېدىت سۇپىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېپىل بولسا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ

  1- سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەلئارا دېبىت- كىرىدىت دېلوسىغا تەدبىقلىنىدىغان قانۇن توغرىسىدىكى بىر قانچە قانۇنىغا مەسىلىگە ئالاقىدار بەلگىلىمە» نۆۋەتتە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان P2P دېبېت-كرېدىتنى قانۇنىي ئۆلچەم بىلەن تەمىنلىدى.

  ئارمىيەدىكىلەر قۇشۇمچە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ

  ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى تۈزگەن «ئارمىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش خىزمەت بەلگىلىمىسى»1- سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر