باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 200 دىن كۆپرەك ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئارىسىداجۇڭگو پۇقرالىرى يوق

2015.09.01 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،30-ئاۋغۇست سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەب - ئامېرىكا نېفىت شىركىتى خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسىدا توك يولى قىسقا تۇتىشىش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، 11ئادەمنىڭ قازا قىلغان ۋە 200دىن كۆپ ئادەمنىڭ يارىلانغان. جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىمىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، بىرمۇ جۇڭگو پۇقراسى ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىمىغان.

  سەئۇدى ئەرەبىستان ئوت مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئوت ئاپىتى ياتاق بىناسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىكى تىرانسفورموتور توك يولىنىڭ ماسسا بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان، شۇ چاغدا 130دىن كۆپ ئاپتوموبىل يەر ئاستىغا توختىتىلغان بۇلۇپ، بىر قىسىم ئاپتوموبىل كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن، يالقۇن يۇقىرىغا يامرىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەر ئاستى ئۆيىدىكى ئاپتوموبىل ۋە ئوت ئۆي جاھازلىرىغا ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن قويۇق ئىس چىقىپ قۇتقۇزۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى دىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر