خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 4 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا «يىپەك يولى» كىيىم – كېچەك بايرىمى 29 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. مۇددىتى 4 كۈنلۈك كىيىم – كېچەك بايرىمىدا «رەڭدار مىللىي خاسلىق، رەڭدار مودا» ئاساسىي تېمىسىدا 2015 – يىللىق ئاسىيا – ياۋروپا كىيىم – كېچەك مودا كۆرسىتىش پائالىيىتى، 2015- يىللىق شىمچىلىق كەسپىي يىللىق يىغىنى ۋە شىنجاڭ كىيىم – كېچەك كەسپى تەرەققىيات ئۇچرىشىشى، تۇنجى نكۋەتلىك شىنجاڭدىكى 10 مۇنەۋۋەر كىيىم لايىھىلىگۈچىلەرنى باھالاش، شىنجاڭدىكى 10 داڭلىق داڭلىق كىيىم – كېچەك ماركىسىنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك كىيىم – كېچەك بايرىمىدا 29 – ئاۋغۇستتىن 1 – سىنتەبىرگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «دېخۇي» خەلقئارا كىيىم – كېچەك شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىيىم – كېچەك مودا كۆرسىتىشى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ، مودا كۆرسىتىشدە گروزىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 8 داڭلىق كىيىم – كېچەك لايىھىلىگۈچى ۋە دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق كىيىم – كېچەك لايىھىلىگۈچىلەردىن بولۇپ 13 مەيدان كىيىم – كېچەك كۆرسىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىگىلىشىمچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرىلىۋاتقان پاختا توقۇمىچىلىق ئۇرچۇق سانى 6 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە يىل ئاخىرىسىغىچە پاختا توقۇمىچىلىقتىكى ئۇرچۇق سانى 10 مىليونغا يېتىدىكەن. ئىيۇننىڭ ئاخىرىسىغىچە ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ پاختا – توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ساھەسىگە مەبلەغ سالغان كارخانىلار 118 گە، ئومۇمىي مەبلىغى 29 مىليارد 700 مىليونغا، تۇراقلىق مۈلۈككە بولغان سېلىنمىسى 7 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %187 ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا – توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجى 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %72.2 ئاشقان.
مەنبە: خەلق تورى