خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى): 31-ئاۋغۇست ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف پايتەخت تاشكەنتتىكى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە پۈتۈن مەملىكەتكە سۆز قىلماقتا. شۇ كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئەلىشىر نەۋائىي باغچىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 24 يىللىقى تەبرىكلەندى، نەچچە مىڭ كىشى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى