- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرزى بىلەن 2- يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغاندا ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل %10 تۆۋەنلىتىلدى
2015.09.01 16:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 31- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. تۇرالغۇ، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى 31- ئاۋغۇست بىرلىكتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جامائەت تۇرالغۇ فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، جامائەت تۇرالغۇ فوندى ھەققى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 1- يۈرۈش ئۆيى بار ھەم ئۆي سېتىۋالغان ئالغان قەرزنى تۈگەتكەن ئائىلىلەر تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە جامائەت تۇرالغۇ فوندى بىلەن ھاۋالىلىك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، 1- سېنتەبىردىن باشلاپ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل نىسبىتى %30 تىن %20 كە تۈۋەنلىتىلىدۇ.
بۇ جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، جايلارنىڭ جامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولغان ۋە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ دۆلىتىمىز ئۆي- مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشىنى بوشاشتۇرغاندىن كېيىن، 8- ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر ئۆي – مۈلۈك بازىرىغا پايدىلىق سىياسەت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر