خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئاۋغۇست پاراتقا قاتنىشىدىغان 17 دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەل ھەربىي تەرەپنىڭ ئەترىتى، ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ مىڭغا يېقىن ئوفىتسېر ئەسكىرى بېيجىڭ شەھىرى ئەتراپىدىكى مەشىق بازىسىدا جىددىي، ئەمما تەرتىپلىك پاراتتىن بۇرۇنقى مەشىق ئېلىپ باردى. بېلىرۇسىيە، كۇبا، مىسىر، قازاقىستان، قىرغىزىستان، مېكسىكا، موڭغۇلىيە، پاكىستان، سېربىيە، تاجىكىستان، روسىيە قاتارلىق 11 دۆلەت ئەۋەتكەن چاسا ئەترەت ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدۇ. ئاففانىستان، كامبودژا، فىجى، لائوس، ۋانۇئاتۇ، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق ئالتە دۆلەت ئەۋەتكەن ۋەكىللەر كوماندىسى ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى