باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشلاندى

2015.08.25 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. تولۇق كۇرسقا جەمئىي 63 مىڭ 400 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس)مەكتەپلىرىگە تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى 23 - ئاۋغۇست باشلىنىپ، مىللىي تىل - يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، موڭغۇل تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 0 - تۈركۈم، 1 - تۈركۈم مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 24 - ئاۋغۇست ئارزۇ تولدۇرۇپ بولدى. ئۇلارنىڭ ئارخىپى 25 - ، 26 - ئاۋغۇست كۈنى چىقىرىلىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، «قوش تىل»سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى، خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 0 - تۈركۈم، 1 - تۈركۈم مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 25 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6دىن كەچ سائەت 6گىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارخىپى 26 - ،27 - ئاۋغۇست چىقىرىلىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئاز بولغاچقا، بىر قىسىم پىلان ئورۇندالمىغان، بۇ كەسىپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارخىپ چىقارغاندا، ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمىسە نومۇر سىزىقى تۆۋەنلىتىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدىكەن. شۇڭا قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنىڭ نومۇر سىزىقىغا يېتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر