- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئابېي شىنزو جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشمايدۇ
2015.08.25 15:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ بىر ئەمەلدارى 24-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا باش ۋەزىر ئابىي شىنزونىڭ 3-سېنتەبىردىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتېرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، 3-سېنتەبىرنىڭ ئالدى-كەينىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابېي شىنزومۇ شۇ كۈنى پارلامېنتتا، بۇندىن كېيىن خەلقئارا يىغىنلاردا پۇرسەت تېپىپ، جۇڭگو-ياپونىيە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا بولغان زىيارىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر