باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ 22- قېتىملىق خەلقئارا تارىخ ئىلمى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2015.08.24 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 23- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 22- قېتىملىق خەلقئارا تارىخ ئىلمى يىغىنى 23- ئاۋغۇست شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلقئارا تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مارىياتا خيېتارا خانىم قاتارلىق يىغىنغا كەلگەن تارىخشۇناسلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: تارىخ تەتقىقاتى بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ، «تەبىئەت بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەردىن مەلۇمات بېرىش» بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان. تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش، تارىخنى تەتقىق قىلىش، تارىختىن ئۆرنەك ئېلىش، ئىنسانلارغا ئۆتمۈشنى چۈشىنىدىغان، ھازىر ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ئەقىل- پاراسەت ئاتا قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپ تارىخنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، تارىختىن ئۆرنەك ئېلىشنى ئەزەلدىن تەكىتلىگەن، ئەجدادلىرىمىز مول تارىخ كىتابلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى بولىدۇ، ئۆزئارا تاللاشقا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا پايدىلىق. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخ تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تارىختىن ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېپىۋىلىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر