باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2015–يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى

شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.08.24 13:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  2015 – يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 22 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدىكى‹‹ چاڭگا›› سارىيى يېڭى تۈس ئېلىپ، بېيجىڭ ئو ت م دىن كېيىنكى يەنە بىر كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى، 207 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ماھارەت كۆرسىتىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

  سائەت 16 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لامىن دىياك رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى سېباستىئان قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  مۇسابىقە مەيدانىنىڭ يۈگۈرۈش يولىدا 15 كوماندا بەرگۈچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقسىدە كوماندا بېرىش ئۇسۇلى بويىچە نۆۋەتلىشىپ ھۆرمەت ئوقى ئاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەيداندا تەتۈر ساناق باشلاندى. ھەر بىر ھۆرمەت ئوقىنىڭ ئاۋازى ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تەتۈر ساناق ‹‹1››دەپ سانالغاندا، 15 كوماندا بەرگۈچى قولىدىكى كوماندا تاپانچىسىدىن تەڭلا ئوق ئاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى.

  سائەت 17 ئەتراپىدا، مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى باشلاندى. بايراقچىلار ۋە پىدائىيلار خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ بايراقلىرىنى، كوماندا تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن مەيدانغا كىرىپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدا رەتكە تىزىلىپ تۇردى. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆتۈرگەنلەر مەيدانغا كىرگەندە، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  سائەت 17 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلدى، دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى. 56 مىللەتنىڭ سىمۋولى بولغان 56 كانايچى ‹‹پىدائىيلار مارشى››نى ئورۇنلىدى، تاماشىبىنلار ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىنى تەڭ ئوقۇدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا – ئاستا كۈتۈرۈلۈپ جەۋلان قىلدى.

  بېيجىڭ يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەنشۈن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەمەلدارلار، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپىرلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا جاسارەت بىلەن بەسلىشىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشمەن.

  خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لامىن دىياك تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سەمىمىي، ئادىل ۋە باراۋەر مۇسابىقىلىشىش روھى بويىچە، دۇنيا خەلقىگە يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سائەت 17 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ 2015 – يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مەيدان شۇ ھامان جۇشقۇن كەيپىياتقا تولدى.

  مەيداندا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ بايرىقى چىقىرىلىپ، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ شېئىرى ئورۇنلانغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى باشلاندى. ‹‹بېيجىڭدىن يولغا چىقىش يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگۈسى›› ئاساسىي تېما قىلىنغان ئويۇن ‹‹ئارزۇ مانا باشلاندى››، ‹‹ئىنتىلىش يولدا››، ‹‹ئارزۇ ئۈچۈن پەرۋاز قىلايلى›› دېگەن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ‹‹ئارزۇ مانا باشلاندى››سەھىپىسىدە يۈگۈرۈۋاتقان 32 تەنھەرىكەت ماھىرى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 32 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. ‹‹ئىنتىلىش يولدا›› سەھىپىسىدە ھازىرقى زامان يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىدىكى مېڭىش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، دىسكا، چويۇن توپ ئېتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىل بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ھەرىكىتى بىرگەۋدە قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلىقى نامايان قىلىنغان. ‹‹ئارزۇ ئۈچۈن پەرۋاز قىلايلى›› سەھىپىسىدە، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى <<قارلىغاچ››لار ‹‹چاڭگا›› سىرتىدىن ئاستا – ئاستا ئۇچۇپ كېلىپ، باشلىنىش مۇراسىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  باشلىنىش مۇراسىمىغا ليۇ يەندۇڭ، گوجىنلۇڭ، ياڭ جېچىلار قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى توققۇز كۈن داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو كوماندىسى 32 ئەر تەنھەرىكەتچى، 38 ئايال تەنھەرىكەتچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار 47 تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ 34 تۈرىگە قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر