- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەنىڭ قوراللىق قىسىم چاسا ئەترىتى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
2015.08.25 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق كۈچلىرى چاسا ئەترىتى 23 -ئاۋغۇست ھەربىي پارات مەشىق بازىسىدا، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 23 -ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، چاسا ئەترەت تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات رېپېتىتسغا قاتناشتى. ھەربىي پاراتقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش ئىشتاب ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۈ رۈي 21-ئاۋغۇستتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى، رۇسىيە ، قازاقىستان قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت ھەربىي پاراتقا قاتنىشىشقا چاسا ئەترەت ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. بۇ چەتئەل ئارمىيەلىرى چاسا ئەترىتى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاسىيا، ياۋروپا ، ئافرىقا، ئوكيانىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق دۇنيادىكى بەش قىتئەدىن كەلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر