باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىنىڭ ئەتراپى « ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2015.08.25 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر كەنتتىكى ئاھالىلەر رايونى شۇ يەر ۋاقتى 22 -ئاۋغۇست ئەسەبىي تەشكىلات « ئىسلام دۆلىتى» نىڭ توپقا تۇتۇشىغا ئۇچرىغان. شۇ جايدىكى زاتلارنىڭ دېيىشىچە، زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددا بار توپ ئوقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئاھالىلەردە نەپەس قىسىلىش ئالامىتى كۆرۈلگەن.

  ئاھالىلەر رايونىغا ئېتىلغىنى زادى قانداق خىمىيەلىك قورال ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بىراق خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ« ئىسلام دۆلىتى» نىڭ سۇرىيەدە تۇنجى قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشى ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەلقئارا تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە تېخنىك خادىملار :« ئىسلام دۆلىتى» ئىلگىرى سۇرىيەنىڭ تايلور باراك ۋە خاساكقا ھۇجۇم قىلغاندا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر