باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنى لايىھەسى(9)گە يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

زور خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازا يىنىكلىتىلمەيدۇ، كېپىلگە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ

2015.08.25 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بۈگۈن جىنايى ئىشلارنىڭ قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(9)گە ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىش تىزىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىلىشىغا سۇنۇلدى. بۇ لايىھە بۇ قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانسا، بۇ جىنايى ئىشلار قانۇنى 2011- يىلى 5- ئايدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(8)نى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق زور تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدۇ.

  مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلانىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قېتىم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(9)نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قاراپ چىقىش تىزىسىدە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر جىنايەتچىلەر، ئاتالمىش «ئېغىر خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى»گە بېرىلىدىغان جازانى كېمەيتىش بىكار قىلىنىدۇ.

  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(8)گە ئاساسەن، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتكە نىسبەتەن، جازا مۇددىتىنى ئۆتەش مەزگىلىدە قەستەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزمىسە، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يىنىكلىتىلىدۇ؛ زور خىزمەت كۆرسەتكەن بولسا، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، 25 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا يىنىكلىتىلىدۇ، ئەمەلىي جازا ئۆتەش مۇددىتى ئاز بولغاندا 20 يىلدىن كەم بولمايدۇ.

  زور خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ جازانى يىنىكلىتىش قاتارلىق يوللار بىلەن جازا مۇددىتىنى ئۆتەش ۋاقتىنى قىسقارتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىش تىزىسىگە «ئۈمۈرلۈك قاماق جازاسى»دېگەن بەلگىلىمە كىرگۈزۈلگەن، بۇنداق جىنايەتلەرگە سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىش بىلەن بىللە، جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۈمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، جازانى يىنىكلەتمەسلىك، كېپىلگە قويۇپ بەرمەسلىك دېگەن ماددا قوشۇپ قويۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر