باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى7-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىسىدىن32نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2015.08.27 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى بۈگۈنكى ئاخباراتىدا ئېلان قىلىشىچە،2015-يىلى7-ئايدا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام - مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىسىدىن32نى ۋە72ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى 6 قېتىم، 9 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىسى8 قېتىم، 15ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش مەسىلىسى1 قېتىم،3 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى2 قېتىم،3 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى3قېتىم،4 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى6 قېتىم،17 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ چوڭ توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى 1قېتىم،1 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان؛ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش قاتارلىق باشقا مەسىلىلەر 5 قېتىم،20 ئادەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر