باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئابلىز غۇجامنىياز فوتو ـ سۈرەتلىرىدىن تاللانما: ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى ئالدىراشلىق(1)

2014.11.03 11:12   مەنبە: خەلق تورى

ئابلىز غۇجامنىياز فوتو ـ سۈرەتلىرىدىن تاللانما: ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى ئالدىراشلىق(1)

  ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى ئالدىراشلىق

  ھوسۇللۇق فوتوگراف ئابلىز غۇجامنىياز 1982-يىلىدىن باشلاپ فوتو ـ سۈرەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك فوتو ـ سۈرەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، 59 قېتىم مۇكاپاتلانغاندىن باشقا يەنە دۇنيا فوتوگرافلىق ژۇرنىلىدىمۇ بىر قانچە قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ۋەكىل خاراكتېرلىك فوتو ـ سۈرەتلىرىدىن دادامنىڭ كۆلى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئولتۇراق ئۆيى، يىپەك يولىدا ئايدىڭ، كىچىك قىزچاق، ئۆچمەس كۈي، ئىز قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

  فوتوگراف ئابلىز غۇجامنىياز 1994-يىلى شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى بىلەن بىرلىشىپ ژۇرنال بېتىدە فوتو ـ سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. 1997-يىلى ئۈزۈم بايرىمى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ چوڭ تىپتىكى «گۈزەل تۇرپان» ناملىق فوتو ـ سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن. 2011-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان فوتوگرافلارنى تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسى دالانكارىز يېزىسىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىپ تۇرپاندا چېچەك بەزمىسى ناملىق ئىجادىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز