باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

شىنجاڭدىكى يېڭى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى «يېپەك يولى ساداسى» تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇلدى

2014.11.01 19:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: كۈتۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان شىنجاڭدىكى يەرلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىسى «يېپەك يولى ساداسى» 31-ئۆكتەبىر كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سەككىز يېرىمدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىدا رەسمىي قويۇلدى. بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان پروگراممىدا تۆت ماھىر مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئۈچۈنچى ماھىر نەق مەيداندا قابىلىيىتىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالمىغانلىقتىن، تۆت ئۇستازنىڭ ھىچقايسىسى ئۆرۈلمىگەندىن باشقا، قالغان ئۈچ ماھىرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ جايىنى تاپتى.

  بىرىنچى سان پروگراممىدا كەسكىن تالىشىش ئارقىلىق، ئەل قەلبىدىكى داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، داڭلىق ناخشىچى، كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايمان ۋە داڭلىق ناخشىچى نۇرنىسا ئابباس قاتارلىقلار بىردىن شاگىرت قۇبۇل قىلدى، داڭلىق گىتتار ماھىرى، ناخشىچى، كومپوزىتور ئەركىن ئابدۇللا بىرىنچى ساندا ۋاقتىنچە قۇرۇق قول قايتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9-يۈرۈش قانىلىدا ھەر جۈمە كۈنى بىر ساندىن كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ تېلېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خۇيۈ تورى، مەركىزىي تېلېزىيە ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر تور تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق تور بېكەتلەردە ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر