باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادىل ھوشۇر:مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىدىيەگە يىتەكچىلىك قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك

2015.03.09 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو سېرىك سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ داۋاز سەنئىتىنىڭ ۋارىسى ئادىل ھوشۇر يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىنغا ئېلىپ كەلگەن تەكلىپى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: مۇقىملىقنى قوغداش-شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىنىڭ بىرى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىدىيەگە يىتەكچىلىك قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيىدا ھەر يىلى ئاساسلىقى يېڭى قانۇن تۈزۈلىدۇ، بىراق بۇ قانۇنلارنى شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلامدىكى پۇقرالىرى تولۇق بېلىپ كەتمەيدۇ. دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى خەلق ئاممىسىنىڭ چۈشىنىشىگە مۇھتاج، شۇندىلا ئۇلار تېخىمۇ ئاكتىپلىق، ئۈمىدۋارلىق بىلەن خىزمەتكە، تۇرمۇشقا كىرىشەلەيدۇ. مېنىڭچە پۇقرالارنى ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان، ئەڭ پىششىق بېلىدىغان، ئاسان تەسىرلىنىدىغان مەدەنىيەت ساھەسىدىن يېتەكلەش كېرەك. بىر مەدەنىي ئادەمنىڭ مەدەنىي ھەرىكىتى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر