باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ سەمىمىي ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدۇ

− شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنىدىن خاتىرە

2015.03.11 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز جاڭ لېي، ياۋ تۇڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالىدا 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كوللېكتىپ قاراپ چىقىشى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ سىرتتىن ئاڭلىشىغا رۇخسەت قىلىندى ھەم مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى كوللېكتىپ قوبۇل قىلىندى.

  سائەت 8دىن ئەمدى ئاشقان چاغ، قاراپ چىقىشنى باشلاشقا يەنە بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت بار ئىدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى كەينى-كەينىدىن يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. يىغىن مەيدانىغا كىرىش ئېغىزىدا خىزمەتچى خادىملار تەشۋىقات بۇيۇملىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تىزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «شىنجاڭ تەسىراتلىرى»، «جەلپكار شىنجاڭ»، «جۇڭگو شىنجاڭ − ئەمەلىيەت ۋە سانلىق مەلۇماتلار 2014»... شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئائىت كىتابلار ئۈستەلگە تىزىلغان بولۇپ، مۇخبىرلار بىردەمدىلا ھەممە كىتابنى ئېلىپ تۈگەتتى.

  يېرىم سائەتتىن كېيىن، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 140تىن ئارتۇق تاراتقۇسىنىڭ 230 مۇخبىرى يىغىن زالىغا يىغىلدى. بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىچىدە «خەلق گېزىتى»، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، «شىنجىڭ گېزىتى» قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق رايونلاردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار، يەنە «ۋال كوچىسى كۈندىلىك خەۋەرلىرى»، «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»، قاتار «ئەلجەزىرە» تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تاراتقۇلارمۇ بار ئىدى. فوتو ۋە سىن مۇخبىرلىرى بالدۇر ئۆزلىرىگە باب كېلىدىغان ئورۇنلارنى ئىگىلەپ، ئۈسكۈنىلىرىنى قوراشتۇرۇپ، ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەييارلانغانىدى؛ يېزىق مۇخبىرلىرى ئۈنئالغۇ، خاتىرە كومپيۇتېر، يان كومپيۇتېرلىرىنى تەييار قىلىپ، ھەر ۋاقىت خاتىرە قالدۇرۇشقا ھازىرلانغانىدى.

  داڭلىق مۇخبىر ساۋ جىڭشىڭ كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچلىرى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. 60 ياشتىن ئاشقان ساۋ جىڭشىڭ ئۇزاق يىل ئالدىنقى سەپتە مۇخبىرلىق قىلغاچقا، «ئىككى يىغىن» مۇخبىرلىرى ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيتتى. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە تېلېكامىرانى قوراشتۇرغاندىن كېيىن، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ يىغىن مەيدانى، ۋەكىللەرنى توختىماي سۈرەتكە تارتىپ، شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندە، ئاپپاراتلار «چارس-چۇرۇس...» قىلىپ توختىماي سۈرەتكە تارتتى. ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق يىغىن ھۆججەتلىرىگە داۋاملىق قاراپ چىقتى.

  ۋەكىللەر ئىسلاھات، تەرەققىيات، كەلگۈسى توغرىسىدا تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پائال پىكىر بايان قىلدى. قاراپ چىقىش، سۆز قىلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلار بەس-بەستە قول كۆتۈرۈپ سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكچى بولۇشتى.

  «مەركەز <بىر بەلباغ، بىر يول> مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش جەھەتتە قانداق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى؟»، دەپ سورىدى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتا كارخانىلار ئاساسىي گەۋدە، بازار ئېھتىياجى ئاچقۇچ، ئورتاق پايدا ئېلىش نىشان، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئالاھىدە بولغاچقا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. سۇمرۇغ سۈنئي ھەمراھ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ۋەكىل شۆھرەت زاكىردىن سوئال سوراش شەرىپىگە ئېرىشتى.

  «زوراۋان، تېررورچىلار ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى، ئۇلارغا جەزمەن قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك!»، دېدى شۆھرەت زاكىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش بىردىن بىر ۋاسىتە ئەمەس، بىز زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرغاندىن سىرت، يەنە تەربىيە بېرىش، يېتەكلەشتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى قانداق

  بولۇۋاتىدۇ؟ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدىمۇ-يوق؟ بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، شىنجاڭ 60 يىلدىن بۇيان قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؟ جەنۇبىي شىنجاڭ بىخەتەرمۇ؟ بىز بارالامدۇق-يوق؟

  ... جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى كۆپلەپ سورىدى.

  جارۇللا ھېسامىدىن، خۇاڭ ۋېي، چې جۈن، لى شۆجۈن قاتارلىق ۋەكىللەر سۇئاللارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى.

  «<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> پائالىيىتىدە ئەلرايى زور دەرىجىدە مايىل قىلىندى...»

  «<ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش> خىزمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى...»

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتى ئۇدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر يىلى دېھقان-چارۋىچىلارغا 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىلدى...»

  «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم، كونترول قىلغىلى بولىدۇ، بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە، كۆپچىلىكنىڭ بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز...»

  ... ۋەكىللەر سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى، نەتىجىلەرنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن سۆزلىدى، مەسىلىلەردە توختالغاندا سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولدى. مۇخبىرلار ئۇلاردىن ئىنتايىن رازى بولدى، بەزىلىرى قەلەملىرىنى تېز تەۋرىتىپ خاتىرە قالدۇردى، بەزىلىرى باتارىيەلىرىنى ئالدىراپ ئالماشتۇرۇپ كۆپرەك سۈرەتكە ئالماقچى بولدى، سۇئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر قەتئىي بەل قويىۋەتمەي، بىر پۇرسەت تېپىپ سۇئال سوراش ئۈچۈن تىرىشتى.

  ئەسلى يېرىم سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇئال سوراش ھالقىسى 70 نەچچە مىنۇتتا ئاندىن ئاخىرلاشتى. ۋەكىللەر مەيداندىن چىقىپ كەتكەندىمۇ، مۇخبىرلار پۇخادىن چىقمىغاندەك ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدى.

  جۇڭگو ئېلېكتر ئېنېرگىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پېڭ يۈەنچاڭ: شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنىڭ روھىي قىياپىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، سۆز قىلغاندا ئاكتىپ بولدى، مەسىلىلەرگە ئىشەنچىلىك، دوستانە جاۋاب بەردى، دېدى. ئۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن ھەم شىنجاڭ چوقۇم جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېڭى يۇقىرى نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

  ئاۋمېندىن كەلگەن مۇخبىر ۋاڭ گۇيۈەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنىگە ئۇدا نەچچە يىل قاتناشقان ئىكەن، بۇ يىل ئۇ يەنە يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولۇپتۇ. ئۇ: شىنجاڭدا ھەر يىلى ئىنتايىن زور ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىل تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىپ، ئىشەنچكە تولۇپتۇ. ۋەكىللەر نۇرغۇن نازۇك مەسىلىگە سەمىمىي جاۋاب بەردى، ئۆزىنى چەتكە ئالمىدى، گەپنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمىدى، دېدى. ۋاڭ گۇيۈەن يەنە شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى خەن يوڭخوڭ شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نەتىجىلىرىنى تەرپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئىدىيە ۋە تەدبىر، شىنجاڭ بۇ بىر نەچچە يىلدا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئىنتايىن ياخشى ئىشلەپتۇ. بىز شىنجاڭدا ئەھۋالنىڭ مۇرەككەپلىكىنى بىلىمىز، شۇنداق ئەھۋالدا بۇنچىلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەك ئاسان ئەمەس. بىزمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر