- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق نازارەتچىسىنىڭ پىكرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ
2015.03.11 15:55 مەنبە: خەلق تورى
گېزىتىمىز خەۋىرى، بېيجىڭ، 10-مارت تېلېگراممىسى. يېقىندا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىدا «خەلق نازارەتچىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بۇ «لايىھە»نى تارقىتىپ يولغا قويىدۇ. «لايىھە»دە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش خىزمىتىنى سىرتتىن نازارەت قىلىش- چەكلەشنى كۈچەيتىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، خەلق نازارەتچىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خەلق نازارەتچىسىنى تاللاپ تەيىنلەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى، نازارەت قىلىش دائىرىسى، نازارەت قىلىش تەرتىپى، ئەھۋال بىلىش ھوقۇق كاپالىتى، تۈزۈمگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىش جەھەتتە كونكىرت ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلق نازارەتچىسى تۈزۈمى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر