باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلار كۆرسەتتى:

خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك

2015.03.11 09:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇرۇس، توغرا بولغان سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەنلەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، شەرقىي شىمالنىڭ كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئالاھىدە كەسىپلەر توپىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، سىجىل رىقابەت كۈچى ۋە تايانچقا ئىگە كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى بۆسۈپ چىقىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسمەن رايونلاردا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر سىستېمىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە ۋە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى تەربىيەلەشنى تېزلىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى ئاممىغا ئەڭ يېقىن، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، مىخ مىخلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قەتئىي بوشاشماي، بىر ئىشنى ئاخىرغىچە قىلىش، بىر ئىشنى بېجىرىپ بولۇپ يەنە بىر ئىش بېجىرىش، يىلمۇ-يىل ئۇلاپ ئىشلەش، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بولۇشى كېرەك. سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، سىياسىي خىزمەت قىلىش مۇھىتى ناچارلىشىدۇ؛ سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشى بولسا، سىياسىي خىزمەت قىلىش مۇھىتى ياخشى بولىدۇ. سىياسىي ئېكولوگىيە تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئوخشاش سەللا دىققەت قىلمىسا ئاسان بۇلغىنىدۇ، مەسىلە كۆرۈلىدىكەن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ بەدەل كېتىدۇ. رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا تەربىيە بېرىش ئارقىلىق دىققىتىنى يىغىش، پرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، چىرىكلىكنى رەت قىلىشقا يېتەكلەپ، بىر دەرىجە بىر دەرىجىنى يېتەكلەش، بىر دەرىجە بىر دەرىجىنى تۇتۇشتەك ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىپ، دۇرۇس، توغرا بولغان سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، جاڭ دېجياڭ چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ليۇ يۈنشەن خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر