10-مارت لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان تۇنجى CRH380A تىپلىق ئېلېكتىروۋۇز لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولىدا سىناق تەرىقىسىدە يول يۈرۈپ شىنجاڭغا يېتىپ كىردى، بۇ لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى كۈتۈۋالغان تۇنجى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىروۋۇز.
ئىگىلىنىشىچە، CRH380A تىپلىق ئېلېكتىروۋۇز CRH2C(CRH-300) تىپلىق ئېلېكتىروۋۇز ئاساسىدا مەملىكىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان CRH يۈرۈشلۈك ئېلېكتىروۋۇزىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەنە ‹‹جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە ھەرىكىتى پىلانى›› دىكى نۇقتىلىق تۈر ئىكەن، بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 380 كىلومېتىر بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقى سىناق قىلىنغان.