باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى: جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى يېڭى ئاددىي ساددا بولۇش شامىلىنى تەشەببۇس قىلدى

2015.03.10 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىملەرنى كىيىۋالغان ۋەكىللەر، ئەنئەنىۋى بولغان كوممۇنىزمچە ياسالغان يىغىن مەيدانىنىڭ بېزىلىش ئۇسلۇبى ھەمدە ناھايىتى ئاددىي ساددا بولغان بېزەشلەر 5-مارت ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر قانچە ئامىل بولغان.

  EFE ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىلگىرىكىگە ئوخشايدىغىنى، يىغىن مەزگىلىدە ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى شىزاڭ، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ مىللىيچە كىيىملىرى. رەڭگارەڭ كىيىم كېچەكلەر ۋە نەپىس زىبۇ زىننەتلەر تاراتقۇلارنى جەلپ قىلىۋالدى. بۇندىن سىرت خەلق قۇرۇلتىيى زالىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئەمەلدارلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى، بەلكى ۋەكىللەرنى توشۇيدىغان نۇرغۇن چوڭ ئاپتوبۇسلار توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. ئاۋسترىيەدە چىقىدىغان «ئالاقىچى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىممەت باھالىق قەغەز ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ بىر گېزىتخانىسى يېقىندا چوڭ ماۋزۇدا ھازىر يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالاردىن قەغەز ئىشلىتىشنى ئازايتىشنى، ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر