باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىدىكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرگە ئىزاھات

2015.03.13 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1. «بىر بەلباغ، بىر يول»: 2013-يىل 9-، 10-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

  2. «ئىنتېرنېت تورى بىلەن بىرىكتۈرۈش» ھەرىكىتى پىلانى: «ئىنتېرنېت تورى بىلەن بىرىكتۈرۈش» ھەرىكىتى پىلانى بۇلۇت ھېسابلاش، ماددىي ئالاقە تورى، چوڭ سان-سېفىر ۋەكىللىكىدكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە زامانىۋىي ياسىمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنىڭ بىرىكىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىپ، كەسپلەرنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، ھەممەيلەننىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مۇھىت ھازىرلاپ بېرىپ، كەسپلەرنىڭ ئەقلىيلىشىشىغا تايانچ تەمىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تەرەققىيات ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر