باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئەزا جۇ ۋېيچۈن مىللەت ۋە دىن خىزمىتىدە ئۈستىدە توختالدى

2015.03.13 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەزا جۇ ۋېيچۈن 11-مارت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 4-يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى دىنىي ساھەدىكىلەردىن ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇشنى؛ دىنىي ساھەدىكىلەردىن ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا خەلقنىڭ بەخت سائادىتىگە، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشنى؛ دىنىي ساھەدىكىلەردىن دىنىي ئەقىدىلەردە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەخلاقىغا پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنى يەنىمۇ قېزىپ چىقىش ۋە نۇرلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  جۇ ۋېيچۈن مۇنداق دېدى: سوتسىيالىزم دەۋرىدە دىن ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ماسلىشىشقا يېتەكلەش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، سىستېمىلىق، جاپالىق قۇرۇلۇش. پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي تارماقلىرى، دىنىي ساھەدىكىلەر، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، دىن بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ ئاز-ئارا ماسلىشىشى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار، تەلەپ ۋە يوللارنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتە چەتئەلدىن كىرگەن دىنلارنى جۇڭگولاشتۇرۇشتەك ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگولاشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەتۈر يەرلەشتۈرۈش خاھىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەش زۆرۈر. دىنىي خىزمەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداپ، خەلق مائارىپى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ساھەدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياش پۇقرالارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە ئاڭلىق دىققەت قىلىش، قاتنىشىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر