باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ شياۋچۈەن ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چىقىرىلىشى مۇمكىن دېدى

2015.03.13 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چىقىرىلىشى مۇمكىن، ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنىڭ يۇقىرى چېكىنى يىل ئىچىدە قويۇۋېتىش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. جۇ شياۋچۈەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يېڭى سىياسىتى-ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئىچىگە ئالىدۇ شۇنداقلا ھازىرقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ. ھۆججەت نۆۋەتتە يەنىلا تەييارلاپ مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئېشىشى پەيدا قىلغان دەسمايە سىرتقا ئېقىشتىن ئەنسىرەش ھەققىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمىدا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەبلەغنىڭ كىرىپ چىقىشىدا نورمال سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى بار. دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دەسمايىسىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى-بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇھىتىغا بولغان ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىقىدىن بولۇپ، بايلىق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، شۇڭا دەسمايە چەتئەلگە ئاقتى دەپ قارالغان. جۇڭگودىمۇ مۇشۇنداق ئالامەتلەر بار، لېكىن نورمال مەبلەغ سېلىش سودىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ سان بەك چوڭ ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر