باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى ئىككى ئالى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى چېرىكلىككە «جەڭ» ئېلان قىلدى

2015.03.13 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگودىكى ئىككى ئالى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى 12-مارت چېرىكلىككە «جەڭ» ئېلان قىلىپ، 2015-يىلى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چېرىكلىككە چوقۇم زەربە بېرىپ، خىيانەتچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چىرىكلىكنى مەنبەيىدىن تىزگىنلەش، ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ بىلەن ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا ئايرىم-ئايرىم خىزمەت دوكلاتى بەردى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بۇ يىل ئىككى ئالى مەھكىمىنىڭ دوكلاتىدىكى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا ئائىت بايانلار كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. ئىككى پارچە دوكلاتتا پۈتۈن مەملىكەت دىققەت قىلىۋاتقان جوۋ يۇڭكاڭ، شۈ سەيخۇۋ، جاڭ جيېمىن قاتارلىق 28 ئۆلكە مىنىستىرلىق دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ جىنايى دېلولىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، بىر قىسىم كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ غايەت زور پارا ئېلىش قىلمىشىنىڭمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئادۋوكات ۋۇ چىڭ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، تەپتىش، سوتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېما چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ پاك ھۆكۈمەت قۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  جۇڭگو پۇدۇڭ كادىرلار ئىنستىتۇتى قانۇن ۋە ئادىمىيەت ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش تەتقىقات بۈلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ جېشىن مۇنداق دېدى: چىرىكلىكنى بايقىغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تۈزىمەسلىك بىر خىل باش تارتقانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئىسلاھات نامى بىلەن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئاستىلىتىشمۇ ئىلمىي ئەمەس. بىر ئورگانىك جەمئىيەتتە، چىرىكلىشىش ئۆسمىسىنى ۋاقتىدا يوقىتىپ، مېخانىزمنىڭ پاكلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش- پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى چىن شۈ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كېلەر قەدەمدە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا يەنە تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تۈزۈم كاپالىتىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ يېقىندىن ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر