باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر: زوراۋان تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايمىز

2015.03.13 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىشىنىمەنكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى بارغانسېرى ئازايتقىلى بولىدۇ» 10-مارت شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىۋېتىلگەن كۈنىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تاراتقۇلارغا يۇقىرىقىلارنى بايان قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيتىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «قانۇن بويىچە زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش»مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ ئاكتىپ ماسلىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، ياردەملەشكەن ئۇنسۇرلارمۇ ئاتا- ئانىسىغا، يۇرتداشلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، شىنجاڭدىكى قاتتىق زەربە بېرىش دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  زوراۋان تېررورچىلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ماھىيىتى سەۋەبىدىن، چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا ئاندىن ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى بەش ئاچقۇچنى، يەنى ئىدىيە مەسلىسىنى ئىدىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش، مەدەنىيەت مەسلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش، ئۆرپ-ئادەت مەسلىسىنى ھۆرمەت پۇزىتسىيسىدە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش، دىن مەسلىسىنى دىننىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسلىسىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى يەكۈنلەپ چىقتى. «مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يادرو، شۇڭلاشقا قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قانۇن بويىچە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت»، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر