باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2315 1نى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2015.03.13 13:54         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن 12315 نى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئىستىمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرىنى 12315 ئىستىمالچىلار ئەرز- شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەرز- شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى نەق مەيداندا كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق 12315 ئىستىمالچىلار ئەرز- شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى ئەرز- شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىش قىزىق لىنىيىسىدىن 30 نى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئىستىمالچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قانداق جايدا تۇرۇپ 12315 غا تېلېفون بەرسە، سۇپا چوڭ زالنىڭ قىزىق لىنىيىسىگە ئۇلىنىپ، بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىدۇ. قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى قوبۇل قىلغۇچى خادىم لى جيا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:- قوبۇل قىلىنغان ئەرز- شىكايەت ئۇچۇرلىرى شۇ كۈنىلا ئاساسىي قاتلام سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا يەتكۈزۈلىدۇ ھەمدە 7 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئاساسىي قاتلام سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى ئەرز- شىكايەت قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. بىز كومپيوتېردا تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن ئىستىمالچىلار تەمىنلىگەن سودا ئورنىنىڭ ئادرىسى بويىچە دېلونى دېلو يۈز بەرگەن رايوندىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا چۈشۈرۈپ بېرىمىز. ئاندىن سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىنچكە تەكشۈرۈپ مۇرەسسەلەشتۈرىدۇ.

  ئەرز- شىكايەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ مۇخبىر خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىنىڭ چوڭ ئۆتەڭ سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىغا كەلدى. مەزكۇر ئورۇننىڭ باشلىقى سۈن گاڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «سامسون» ماركىلىق تېلېۋىزور ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز- شىكايەتنى مۇرەسسەلەشتۈرىۋاتقان ئىدى.

  ئەرز- شىكايەتنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش جەريانىدا سۈن گاڭ مال ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈردە ئىستىمالچىنى سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى ئىگىلىدى. بۇ «ئىسپات ۋە تالون ئېلىش» تۈزۈم بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. دېمەك، بۇنىڭدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش گۇمانى بار ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستىمېسىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان«ئەرز- شىكايەتنى دېلوغا ئۆزگەرتىش» مىخانىزىمىغا ئاساسەن، سۈن گاڭ نەق مەيداندا سودا ئورنىنى تىجارەت قىلمىشىنى قىلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، تالاش- تارتىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۇزىراپ كېتىشى ياكى ھوقوققا دەخلى- تەرۈز قىلمىشىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلانماقچى بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- ئۇلار سامسون شىركىتىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى بىزگە كۆرسىتىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئۇنى تەييارلىيالمىسا بىز ئۇنى دېلو قىلىپ تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر