باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مەھكىمىنىڭ باياناتچىسى دوكلاتقا ئىزاھات بەردى

2015.03.13 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا نۇرغۇن دىلولار مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا مىسالغا ئېلىنىپ، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ناھەق، خاتا دېلولارنى تۈزىتىش ۋە ئۇلاردىن ساقلىنىش، چېرىكلىككە زەربە بېرىش دېلولىرى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ دوكلاتىدا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەرز ياكى دېلولارنى بېجىرىش جەريانىدا بايقالغان ناھەق، خاتا دېلولارنىڭ ئىسپاتلىرىنى ئەستايىدىل قايتا تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: خۇگجىلتۇ دېلوسىدا نۆۋەتتە ئالاقىدار دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جۈنگوڭ «مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا سۆھبەت» پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئىلمىي ئەدلىيە قارىشى تۇرغۇزۇش، كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەرتىپنىڭ ئادىل، سوتنىڭ ئاشكارا ۋە ئىسپات ھۆكۈمىنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىسپات ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىسپات تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز ئىسپاتلارنى يوققا چىقىرىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، سوتنى مەركەز قىلغان دېلو قاراپ چىقىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ھەقىقىي رىئايە قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەكلىمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، بۇ-ئادۋوكات، ئاقلىغۇچىلارنىڭ كۆرۈشۈش، ئىسپاتلارنى كۆرۈش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ناھەق، خاتا دېلولاردىن ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر مۇكەممەل خىزمەت مېخانىزمىنى تېرىشىپ ئورنىتىپ، ناھەق، خاتا دېلو يۈز بېرىشنى توسۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر