باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى بىر مەيدان دىپلوماتىيە ئىنقىلابى بولۇپ ھېسابلىنامدۇ يوق؟

2015.03.13 17:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يېڭىلاش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش نىسبىتىمۇ تۇنجى قېتىم 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىنكى ئىككى يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە يېڭى سىياسەت، يېڭى قاراش ۋە يېڭى تەدبىرلەر ئارقا ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان جۇڭگو دىپلوماتىيەسى يېڭىلىق يارىتىشى ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان دەۋرگە كىردى. ئۇنداقدا، دىپلوماتىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىر مەيدان دىپلوماتىيە ئىنقىلابى بولۇپ ھېسابلىنامدۇ يوق؟.

  يېڭى جۇڭگو تارىخىدا، جۇڭگو ئاز دېگەندە ئۇچ قېتىم دىپلوماتىيە ئىنقىلابىنى ئىلىپ باردى. 1- قېتىملىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، بىر تەرەپكە ئېغىش سىياسىتى ئۆلچەم قىلىنغانلىقتىن، جۇڭگو شەرق لاگېرىغا قاتنىشىپ، غەرب بىلەن قارشىلىشىش ھالىتىدە تۇردى. 2- قېتىملىق ئىنقىلاب، 1972- يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى رەقىب ئوتتۇرىسىدا يارىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىكسەپ شەكىللەندى. 3- قېتىملىق دىپلوماتىيە ئىنقىلابى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە شەكىللەنگەن بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى بېكىتىلىپ، مۇھىم مەركىزى جاھانگىرلىككە ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىغا تىنچ تاشقى مۇھىت يارىتىشقا بۇرالدى ھەمدە مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتەك تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ئىنقىلابى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە: 1. بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيەسىدە يادرولۇق نىشانىنىڭ ئاساسى چەك چېگراسى. 2. شۇ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتى، 3. شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پىرىنسىپىغا بولغان مەيدانى ، 4. شۇ دۆلەتنىڭ كۈچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتكە قاراش كېرەك . بۇ جەھەتتە جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە قارشى ۋە ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزگىرىش بولمىدى.

  1. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تەرەققىياتقا ياردەم بېرىدىغان چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىلگىرىلەۋاتقان دىپلوماتىيە قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاساسلىق دىپلوماتىيەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا تۇزۇم ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك دىپلوماتىيە تۈسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. بىراق، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك سالاھىيتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يېقىندا تەكىتلىگەندەك، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك دىپلوماتىيەسىدە يەنىلا مەملىكەت ئىچىدە تەرەققىيات بىلەن ئىسلاھاتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ. شۇڭا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىنىڭ يادرولۇق نىشانىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولماستىن بەلكى يېڭى ۋەزىيەتتە تەرەققىي قىلماقتا.

  2. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت جۇڭگونىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتەك دىپلوماتىيە فاڭجېنىدا يەنىلا چىڭ تۇردى. ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، جۇڭگو ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە پىرىنسىپىنى ئورناتتى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى جۇڭگو شېرىكلىك دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويۇشتەك يېڭى باشلىنىشقا كىردى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ئورنىتىلغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت تورى ئاساسىدا، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق، دېڭىز شېرىكلىك تورىنى ، ھەمدە يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ دۆلەتلەر شېرىكلىك تورىنى كۈچەيتتى. جۇڭگو شېرىكلىك دىپلوماتىيەسىدە، يېقىنلار بىلەن دىپلوماتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قەستەن سۈركۈلۈش پەيدا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئارىلىق ساقلاش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

  3. جۇڭگو دۇنيادىكى 2- ئىقتىسادى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئونىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئاسىيادا 1- چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر بىرنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقتەك تۈپ پىرىنسىپتا يەنىلا چىڭ تۇردى. يېڭى چوڭ دۆلەتلىك دىپلوماتىيەسىدە، جۇڭگو چەتئەللەردە توپلىغان غايەت زور مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە قوغدىدى. شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ، خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور رول ئوينىدى. بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى تەپەككۇر ۋە ئۇسۇل بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىجابىي خاراكتېرلىك دىپلوماتىيەنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 4. كۈچنى ئىشلىتىش جەھەتتە، جۇڭگو يېڭى دىپلوماتىيەسىدە قاتتىق بولۇشقىمۇ ۋە مۇلايىم بولۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى، بىراق يەنىلا خەلقئارا تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشنى ئاساسلىق ئۇسۇل قىلدى. ئونىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جۇڭگو ئىلگىرىكىدەك مەنپەئەتنى ئۆتۈنۈپ بىرىشتەك دىپلوماتىيەسىگە تايانماستىن، يۇمشاق قول بولۇش بىلەن قاتتىق قول بولۇش تەدبىرىنى ئونىۋېرسال قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ يېڭى دىپلوماتىيەسىمۇ كۈچلۈك دىپلوماتىيەسىنى جەلپ قىلىش دىپلوماتىيەسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، جازالاشقا ۋە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەشتەك دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا، قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە ۋە قۇرال كۈچى ئارقىلىق تەھدىت سېلىشقا قارشى تۇردى.

  ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ يېڭى دىپلوماتىيەسىدە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئىچىۋېتىلگەندىن بۇيان يۇقىرىقى تۆت جەھەتتىكى دىپلوماتىيە ئاساسى پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش ئىلىپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. جۇڭگو دىپلوماتىيە جەھەتتە يېڭىدىن دىپلوماتىيە ئىنقىلابىغا ئەمەس بەلكى يېڭىلىق يارىتىشقا موھتاج ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىش سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا دىققەت قىلىندى. 8-مارت ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2015- يىلى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىغا داۋاملىق قولايلىق يارىتىپ، ئامال بار چەتئەللەردىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە چەتئەللەردىكى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۆتكەن يىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پۈتكۈل يەر شارىدا كونسۇلخانىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن جىددىي چاقىرىش مەركىزى بولغان 12308 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرىنى تەسىس قىلىپ، چەتئەللەردە ساياھەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇق قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا پۈتۈن كۈنلۈك توسالغۇسىز يېشىل كارىدور بەرپا قىلىپ، جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنىڭ چەتئەللەرنىڭ مەيلى قايسى جايىدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بۇ نومۇرغا تېلېفون بەرسىلا، تۇنجى ۋاقىتتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. 12308 نومۇرلۇق تېلېفون تەسىس قىلىپ يېرىم يىلغا بارمايلا 30 مىڭدىن كۆپرەك تېلېفوننى قوبۇل قىلدى.

  ۋىزا بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو 24 دۆلەت بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ياكى ۋىزا بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇ ئۆتكەن تۆت يىلنىڭ يىغىندىسىغا توغرا كەلدى. جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا بېجىرىشنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى نىشانغا يېتىپ بارغاندىن كىيىن ۋىزا بېجىرىش نىشانى 50 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايونغا يەتتى. ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆز ئارا ئېتىبار قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كىيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋىزا بېجىرگەندىن كىيىنكى بەش يىلدىن 10 يىل ئىچىدە پاسپورتىنى ئىلىپ، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىپ تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىغا بارسا بولىدىغان بولدى، جۇڭگو بىلەن كانادا يېقىندا ئۆز ئارا ئۈنۈمى ئون يىللىق ۋىزا بېجىرىش جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇ 9- مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر