باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى

2015.03.13 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىككى يىغىن مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگونىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى، چەتئەل پارلامېنىتلىرىدىكى ئەربابلار جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بەس-بەستە ماختاشقا باشلىدى.

  3-مارت، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىن ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئىككى يىغىن مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولماقتا، جۇڭگو يولى بارغانسېرى ئىشەنچلىك بولماقتا، ئىككى يىغىندا گەۋدىلەنگەن جۇڭگوچە دېموكراتىيە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. چەتئەل پارلامېنىتلىرىنىڭ ئەربابلىرى جۇڭگودا ئېچىلغان ئىككى يىغىنغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەلق قۇرۇلتىي تۇزۇمىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر تۈزۈمى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ جۇڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىي ئۈستۈنلۈكىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇزۇم قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئەينەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆز دۆلەت پارلامېنىتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۇمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پاكىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇرتاز جاۋىد، ئابباس مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، جۇڭگونىڭ يېرى كەڭ، نوپۇسى كۆپ بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىكى سىياسىي تۈزۈمىگە ئۇيغۇن، ھەمدە تەرەققىياتدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار تېما ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى- جۇڭگونىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتىينىڭ سايلىمىدا بارلىققا كېلىدۇ ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيغا مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو خەلقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ خوجايىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش كۈچنى ئىگىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمى خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىي تۇزۇمى جۇڭگو مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان بولۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش روھى گەۋدىلەنگەن، بۇ جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ھەمدە دېموكراتىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلقى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، دېموكراتىيەنى كۈچەيتتى. خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزالىرى ئوخشاش بولمىغان رايون ۋە كەسپدە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، باشتىن ئاخىرى خەلقنىڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، گەرچە ۋەكىللەر بىلەن ئەزالارنىڭ قارىشىدا ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، بىراق پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى، خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىنى باشتىن-ئاخىرى ھەل قىلىپ كەلدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ھەر قېتىم ئېچىلغاندا، پىلاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە نىشانى ئېنىق بېكىتىپ كەلدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئاممىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەر ۋە كۇچلۇك قانۇنى تۇزۇم سىستېمىسى ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىنى ۋە ھەققانىيەتلىكىنى قوغداپ كەلدى. ئۇلار جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقى ۋە خالىسانە تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كۈنسېرى ېتەرەققىي قىلدى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. كەلگۈسىگە نەزىر سالىدىغان بولساق، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، دۇنيا بۇنىڭدىن گۈزەل ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

  مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان كومىتېتىنىڭ رەئىسى تورىس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشۇلۇش قەدەمنى تېزلىتىش كېرەك . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك ، نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچقا كىردى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد، ئەدلىيە ۋە مۇھىت قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ مۇھىملىقى ھەر قايسى مىللەتلەر، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ پىكىرنى ئومۇمىيۇزلۇك بىرىكتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلىنىدۇ. بىزمۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ مۇقىم قەدەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد سودىغا، مەبلەغ سېلىش، پەن تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق خەلقئارا ئالماشتۇرۇشىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز.

  جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى دالىر سىۋەنپۇر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمەكتە. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشى تۈزۈمى- جۇڭگونىڭ سىياسى تۇزۇمنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىم. شۇنداقلا جۇڭگوچە سىياسىي تۇزۇم. پۈتكۈل يەر شارى دائىرىسىدىن قارىغاندا، بىرەر سىياسىي تۈزۈم بارلىق دۆلەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇھىتدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە پىشىپ يېتىلدى. بۇ خىلدىكى سىياسىي تۈزۈم جۇڭگونىڭ كونكرېت دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىپلا قالماستىن، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ قسىقا ۋاقىت ئىچىدە نامراتلىقنى ئازايتىش، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، دېموكراتىك تەرەققىيات قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر