باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئەرز- شىكايەت دېلولىرى تۆۋەنلىدى

2015.03.13 13:52         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستىمال توغرىسىدىكى ئەرز- شىكايەت دېلولىرىنىڭ 2013- يىلىدىكىدىن %30 تۆۋەنلىگەنلىكى يەنى 360 مىڭ پارچىدىن 250 مىڭ پارچىغا ئازايغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياشار ھاجى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى:- يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىستىمال تەربىيىسى خىزمىتىنىڭ ئومۇملىشىشى تۈرتكىسىدە، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئىستىمالدىن كېيىن ئەرز- شىكايەت قىلىنىدىغان نۇرغۇن دېلولار شۇ سەۋەبتىن بىخ ھالىتىدىلا توسۇپ قىلىندى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەن بىرىنچى، يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»دا تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىگە قارىتا بەلگىلىمە كۈچەيتىلدى. ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق- مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا جازا بېرىش سالمىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىككىنچى، بىز 2014- يىلى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە تەربىيىلەش بازىسىدىن 11 مىڭ 981 نى قۇردۇق. ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە، ئىستىمال تەربىيىسى خىزمىتى تۈر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» بويىچە تەشۋىقات تەربىيىلەش پائالىيىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ۋەقەدىن بۇرۇن مۇداپىئەلىنىشكە ئۆزگەرتىش؛ ۋەقەدىن كېيىن مۇرەسسەلەشتۈرۈشنى ۋەقەدىن بۇرۇن ياراشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزگەرتىش؛ ۋەقەدىن كېيىن ئەرز- شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىشنى ۋەقەدىن بۇرۇن يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيىلەشكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ خىزمەت داۋاملىق مۇشۇ بويىچە چىڭ تۇتۇلىدىغان بولسا، كېلەر يىلى ئەرز- شىكايەت مىقدارى يەنە تۆۋەنلەيدۇ.

  بۇلا ئەمەس، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسى يەنە داۋاملىق «ئەرز- شىكايەتنى دېلوغا ئۆزگەرتىش» قاتارلىق ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى مىخانىزىمىنى يولغا قويۇپ، ھوقوققا دەخلى تەرۇز قىلىشتەك قانۇنسز قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ياشار ھاجى مۇنداق دېدى:- ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار مەيلى مەۋجۈت بولسۇن-بولمىسۇن بىز تەڭشەشنى ئاساس قىلاتتۇق. تەڭشەلگەندىن كېيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىناتتى. ئەمما، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنمايتتى. بۇ يىل سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستىمىسىنىڭ ئوبورۇت ساھەسىدىكى تاۋارلارنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى قىلىپلاشتى. «ئەرز- شىكايەتلەرنى دېلوغا ئۆزگەرتىش» خىزمەت مىخانىزىمى ئورنىتىلدى. ئىستىمالچىلار ئەرز- شىكايەت قىلغاندىن كېيىن ئەگەر بۇ ئەرز- شىكايەت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا تەرەققىي قىلغان بولسا، يەنى سىز بىر كىيىم سىتىۋالسىڭىز، كىيىمنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بولسا، بىز ئۇنى دېلو قىلىپ تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر