باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2015-يىلىدىن باشلاپ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ

2015.03.13 14:00         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى 11-مارت ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتتى. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تەمىناتتىن تۇنجى بولۇپ بەھىرلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يۈز ياخشى ئىشنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسلىدە ھەربىر ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 29 يۈەن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى باھاردا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېگىزلىك، ئېغىرلىق ۋە ئۆپكە، يۈرەك ئىقتىدارىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر